باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىملىرىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى

2015.10.27 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25- ئۆكتەبىر جۇڭگو پىدائىي قىسىملىرىنىڭ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنىڭ 65 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇ كۈنى، چاۋشيەننىڭ پايتەختى پىيوڭياڭدىكى دوستلۇق مۇنارى قاتارلىق جايلاردا داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  25- ئۆكتەبىر ئەتىگەندە، چاۋشيەن ئالى خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق چاۋشيەننىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرى دوستلۇق مۇنارىغا كېلىپ مۇراسىمىغا قاتناشتى. چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگونىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەمدە جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى جاڭ چىڭگاڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئالى خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتى، كابىنېتى بىرلىكتە گۈل چەمبىرەك لېنتىسىغا شەرەپ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىملىرى ئىنقىلابى قۇربانلىرىغا مەنسۇپ دېگەن خەتنى يازدى. دىپلوماتىيە ۋازارىتى، تاشقى ئىقتىساد ۋازارىتى، خەلق ئامانلىقنى ساقلاش مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋازارى، تاشقى مەدەنىيەت كومىتېتى، پىيوڭياڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق كومىتېتى ئايرىم ئايرىم گۈل چەمبىرەك قويدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەقدىم قىلغان گۈل چەمبىرەككە، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىملىرىدىكى ئىنقىلابى قۇربانلىرى مەڭگۈ ھايات دېگەن خەت يېزىلدى.

  چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئوركېستىرى نەق مەيداندا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دۆلەت شېرىنى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇزىكىسىنى ئورۇندىدى. چاۋشيەننىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى گۈل چەمبىرەكنى كۆتۈرۈپ دوستلۇق مۇنارى ئالدىغا ئىلىپ باردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن گۈل چەمبىرەك ئالدىغا بېرىپ گۈل چەمبىرەكنىڭ لېنتىسىنى رەتلىدى، كەيپىيات ئىنتايىن سۈكۈت ئىچىدە ئىلىپ بېرىلدى. مەيداندىكى جۇڭگولۇق چاۋشيەنلىك ئەربابلار جۇڭگو پىدائىي قىسىملىرىدىكى ئىنقىلابى قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شۇن كۈنى چاۋشيەننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئامما، چاۋشيەندىكى جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئورگانلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلار قاتارلىقلاردىن بولۇپ نەچچە يۈز كىشى دوستلۇق مۇنارىغا كېلىپ جۇڭگو پىدائىي قىسىملىرى ئىنقىلابى قۇربانلىرىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر