باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يادرولۇق تېخنىكا ۋە ھالقىلىق زاپچاسلارنىڭ چەكلىمىسىدە زور بۆسۈش قىلىپ، ئىلغار، مۇۋاپىق ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنى كېڭەيتىش كېرەك

ما كەي يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2015.10.23 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنى 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا رىقابەتتىكى كونترول قىلىش ئېگىزلىكىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا يېشىل تەرەققىيات، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتنىڭ قىيىن نۇقتىسى ۋە كەمچىلىكىگە نىسبەتەن، يادرولۇق تېخنىكا ۋە ھالقىلىق زاپچاسلارنىڭ چەكلىمىسىدە زور كۈچ بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلغار، مۇۋاپىق ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنى كېڭەيتىپ، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كەسىپ تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بازار سۇبيېكتى، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش قىلىش، ماس تەرەققىيات»تا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل بازار تەرتىپى تۇرغۇزۇپ، تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج جەھەتتە كۈچەپ، ھەرىكەتلەندۈرۈش باتارېيەسىنىڭ ئىنقىلابىي خاراكتېرلىك بۆسۈشىنى تېزلىتىپ، زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ 2020-يىلدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پىلانى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىكى كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلەشتۈرۈش كېرەك .(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر