باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالما شىركىتى WiFi ياردەمچىسى سەۋەبلىك ئامېرىكىدا تۆلەم تەلەپ قىلىندى

2015.10.27 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) WiFi ياردەمچىسى ئىقتىدارىنىڭ ئالما شىركىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقى تېخى ئاخىرلاشمىدى. تۆنۈگۈن ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر WiFi ياردەمچىسىنىڭ ئېقىم ئىشلىتىشنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئالما شىركىتىدىن بەش مىليون دوللار تۆلەم تەلەپ قىلغان.

  WiFi ياردەمچىسى ئىقتىدارى ئالمىنىڭ iOS9 دا يېڭى قوشقان بىر تۈرلۈك ئىقتىدارى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر WiFi سېگنالى ئاجىز جايدا ئۆزلىكىدىن كۆچمە تورغا ئۇلىنىپ تورغا چىقىدۇ، بۇنداق بولغاندا تورغا چىقىش تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ. بىراق يەنە ئېقىمنىمۇ كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلەتكۈچىلەر نارازى بولدى. ئامېرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-ئايال ئالمىنى ئەرز قىلدى، ئۇلار، ئالما شىركىتى بۇ ئىقتىدارغا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بەش مىليون دوللار تۆلەم بېرىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  بۇندىن سەل ئىلگىرى ئالما شىركىتى WiFi ياردەمچىسى ئىقتىدارىغا قارىتا چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ئېچىلغاندا ئىشلەتكۈچىلەر ئىلگىرىكىدىن سەللا كۆپرەك ئېقىم سەرپ قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئىقتىدار بىر قىسىم ئىنتايىن كۆپ ئېقىم سەرپ قىلىدىغان ئەپلەرگە ئىشلىتىلمەيدۇ، دېگەن ئىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر