باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى كوماندىسى مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى U16 پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

2015.10.27 09:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 26 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئاياغلاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر U16 ياشلىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى كوماندىسى 1 : 2 نەتىجە بىلەن گۇاڭجۇ كوماندىسىنى يېڭىپ كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولۇپ، تارىخىي رېكورت ياراتتى.

  شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىبى بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتى ھەمكارلاشقان كوماندا بولغان ئۈرۈمچى U16 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىجرائىي ترېنېرى پەرھات لېتىپ تېلىفۇندا ماڭا مۇنداق دېدى: 16 – ئۆكتەبىر باشلانغان بۇ مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى U16 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى ئۇدا يېڭىپ كىرىپ، 26 – ئۆكتەبىردىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تېخى يېقىندىلا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان گۇاڭجۇ U16 ياشلىقلار كوماندىسىنى ئۇتتۇق. قارشى تەرەپنىڭ مەيدان كونترولى بىزدىن كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۈرۈمچى كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر يەنىلا باتۇرلۇقى، تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ كۈچلۈك رەقىبىنى يەڭدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە گۇاڭجۇ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا قاتتىق ھۇجۇم قوزغىدى، ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسى بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشقا تاسلا قالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا يېقىندىلا جۇڭگو ئەرلەر دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىغا تاللانغان، ئۈرۈمچى كوماندىسىدىكى ئېرپان تېز سۈرئەتتە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ۋارىتارغا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1:0 قىلدى، 39 مىنۇت بولغاندا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجە 2:0 بولدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە گۇاڭجۇ كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى. كۆپ قېتىم ئۈرۈمچى كوماندىسى ۋارىتارىسىغا تەھدىت پەيدا قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۈرۈمچى كوماندىسى ھۇجۇمنى توسۇپ قالدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 27 مىنۇت بولغاندا ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ يېڭىلا مەيدانغا چۈشكەن ماھىرى ئىمران مەيدان قالايمىقانچىلىقىدا توپنى ئۆز ۋارىتاسىغا كىرگۈزۈپ قويۇپ، 2:1 بولدى. ئاخىر ئۈرۈمچى كوماندىسى 2:1 نەتىجىدە رەقىبىنى يېڭىپ چېمپىيون بولدى.

  ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى شاۋكەت ئابدۇرېھىم تېلىفۇندا ماڭا مۇنداق دېدى: مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون بىزگە «ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىپ، 1 – لىكنى قولغا كەلتۈرۈش» نىشانىنى يۈكلىگەنىدى. بۇ قېتىم چېمپىيون بولۇپ، ۋەزىپىنى تولۇق تاماملىدۇق. مېنىڭچە ماھىرلىرىمىز بۇ تارىخىي مىنۇتلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ياردەمچى كۈچگە كېرەك بولغاندا شىنجاڭ ئەزىمەتلىرى مەيدانغا چىقتى، ئۇلارنىڭ زور تىرىشچانلىقىدا مانا بۈگۈن ئۇلار جۇڭگو ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر