خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى:بايىنغولىن ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى يولداش دىلشات روزى 23-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە«ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشكە بىرلىكتە ئاتلىنايلى»،«دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، يۇرتىمىزنىڭ مۇقىملىقىغا بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى! »،«ئەسەبىي ئىدىيىلەرگە دادىل قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ئىلىم –پەن ۋە ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن قوراللاندۇرايلى! » دىگەن تېمىلاردا لىكسىيە سۆزلىدى. بۇ لىكسىيە پائالىيىتىگە قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەيدىغان مەكتەپلەرنىڭ مۇدىر، ئىلمىي مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
سۈرەتتە:23-ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر
مەنبە: خەلق تورى