باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

رەت قىلغىلى بولمايدىغان رۇخسەت سوراش خېتى: «ئېرىمنىڭ تۇرقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاي دېدىم»

2015.10.27 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) «دۇنيا شۇنچە چوڭ، بېرىپ كۆرۈپ باققۇم بار»، بۇ جېڭجوۋدىكى بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىستېپا بېرىش خېتىدىكى بارلىق مەزمۇن.

  تورداشلار كۆرگەندىن كېيىن، بەس بەستە بۇ خەتنى ھېسسىياتقا تولغان دەپ ئالقىشلىدى ھەمدە بۇ ئوقۇتقۇچىنى يېشىمىزدىكىلەرنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتىدى.

  تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، توردا تەسىرى ھېلىقى ئىستېپا خېتىدىن قېلىشمايدىغان بىر پارچە رۇخسەت سورا خېتى پەيدا بولدى. بىراق بۇ خەتنى كۆرگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ھېس قىلغىنى پەقەتلا كۆڭۈل يېرىملىق بولدى.

  جۇڭگو قاتناش گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەمبىرەكتە كىشىلەرنى ئۇھسىندۇرىدىغان بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتى پەيدا بولغان بولۇپ، خەتنىڭ مەزمۇنى :«يولدىشىمنىڭ تەق-تۇرقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاي دېدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمەكچى ئىدىم».

  رۇخسەت سوراش خېتىدىن قارىغاندا، بۇ ئايال 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە جەمئىي 10 كۈن رۇخسەت سورىغان بولۇپ، جىنەندىن يولغا چىقىپ، شىئەندىن ئۆتۈپ لخاساغا بېرىپ يولدىشىنى يوقلايدىكەن.

  رۇخسەت سوراش خېتىنىڭ ئۈستىدىكى «جۇڭگو تۆمۈر يولى 20-ئىدارىسى گوروھى چەكلىك شىركىتى»دېگەن خەتلەردىن قارىغاندا، بۇلار ئۇزاق مەزگىل ئايرىلىپ ئىككى جايدىكى ئىككى تۈردە بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىدىغان ئەر-خوتۇنلار بولۇشى مۇمكىن.بۇنداق سەۋەب بىلەن رۇخسەت سورىسا رەت قىلىشقا قانداقمۇ كۆڭلى ئۇنىسۇن؟

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر