باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئەزىمەتلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5 ئالتۇن مېدال، 7 كۈمۈش مېدال، 10 مىس مېدالغا ئېرىشتى

جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچى ئاياللار قۇملۇق ۋالىبول كوماندىسى ۋە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى

2015.10.28 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 27- ئۆكتەبىر كەچتە ، 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى فۇجۇ شەھەرىدە غەلبىلىك ئاياقلاشتى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جەمئىي 5 ئالتۇن مېدال، 7 كۈمۈش مېدال، 10 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، نەتىجىسى كۆزگە كۆرىنەرلىك بولغان. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن چىمپىيون بولغان ئۈرۈمچى ئاياللار قۇملۇق ۋالىبول كوماندىسى ۋە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى تەبرىكلىدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن شىخەنزە شەھىرى ئايرىم - ئايرىم ئۆمەك تەشكىللەپ قاتناشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 165 ماھىر يېنىك ئاتلىتىكا، ۋېلىسىپىت، پۇتبول قاتارلىق 12 چوڭ تۈر، 108 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان؛ شىخەنزە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 19 ماھىر بوكس، ياپونچە چېلىشىش قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈر، 16 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان. مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكى تۆت ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، سەككىز مىس مېدال، شىخەنزە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 26 چوڭ تۈر، 305 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇسابىقىگە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مەملىكەت بويىچە 55 ۋەكىللەر ئۆمىكى، 7959 تەنھەرىكەتچى، 3403 تېرنېر قاتناشقان. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ يېشى 13 ياشتىن كېيىن 21 ياشقىچە بۇلۇپ، شۇڭا بۇ نۆۋەتلىك كاتتا مۇسابىقىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ، تەنتەربىيە ڭسەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان بىر سىناق، شۇنداقلا يەنە، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە زاپاس ئىختىساس ئىگىلىرىنى سىنايدىغان مەيدان دىيىشكە بۇلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر