باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«12-بەش يىل»دىن بۇيان، سەككىز مىللىي ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 17 مىليون 120 مىڭ نامرات نوپۇس ئازايتىلدى

2015.10.28 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: «12-بەش يىل»نىڭ ئالدىنقى تۆت يىلىدا، دۆلەت ۋە يەرلىك مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى نامراتلارنى يۆلەشكە جەمئىي 113 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان، سەككىز مىللىي ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى نامراتلارنىڭ سانى 39 مىليون 170 مىڭدىن 22 مىليون 50 مىڭغا چۈشكەن، 17 مىليون 120 مىڭ نامرات نوپۇش ئازايغان، نامراتلارنىڭ ئازىيىش نىسبىتى ٪43.7كە يەتكەن؛ نامراتلارنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ٪26.5تىن ٪14.7كە چۈشكەن، چۈشۈش نىسبىتى 11.8 پىرسەنت پوئىنت بولغان. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونوم رايونى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزلىك تارقالغان گۈيجۇ، يۈننەن ۋە چىڭخەيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «جۇڭگونىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش تېزىسى (2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» 2011-يىلى ئېلان قىلىنىپ، دۆلەت مەركەزلىك تۇتاشقان 14 ئالاھىدە نامرات رايون، 592 نۇقتىلىق ناھىيە ۋە 30 مىڭ نامرات كەنتنى كەلگۈسى 10 يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر