باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تەبرىكلىدى

2015.10.27 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك ياشلار مۇنبىرى تۈنۈگۈن پارىژدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېىتى ئۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە ۋاكالىتەن مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانيەتلىك سىجىل تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ماقۇللاندى، بۇ قارالمىدا بېكىتىلگەن نىشاننى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادىل، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يەر شارى بەرپا قىلىش پۈتۈن يەر شارىدىكى ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر كىشى ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، ياشلار جاسارەتلىك، ئەڭ غايىلىك، كەلگۈسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرى، جۇڭگو ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشىنىپ ياشلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى، جەمئىيەت ئۈۈن تۆھپە قوشۇشىنى، خەلققە بەخت يارىتىشىنى قوللاپ،جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخ مۇساپىسىدا ياشلىق غايىسىنى قاناتلاندۇردى.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ كەلگۈسى ياش بىر ئەۋلادلارغا مەنسۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ياشلاردا غايە، مەسۇلىيەت بولسا، ئىنسانلاردا ئۈمىد بولىدۇ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈگىمەس غايەت زور كۈچ بولىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرىنىڭ زوق ئېلىش ، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش، بەھىرلىنىش قارىشى بىلەن دۇنياغا قاراپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەينەك قىلىشى، ئىناق ئورتاق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئنسانلارنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى خەلقىغە بەخت يارىتىش ــ بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئاساسى تېمىسى بولدى، مائارىپ پەن مەدەنيەت تەشكىلاتىدىكى 195 ئەزا دۆلەتتتىن كەلگەن مىڭغا يېقىن 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىلى مۇنبەرگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر