باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەش قېتىملىق تىپىك دېلو ئۇقتۇرئۇلدى

2015.10.28 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىنقى مەزگىلىدىكى بىر قىسىم مەركەز ئورۇنلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەش قېتىملىق تىپىك دېلونى ئۇقتۇردى. بۇ بەش دېلو تۆۋەندىكىچە :

  سودا مىنىستىرلىقى جۇڭگو تاشقى سودا مەركىزىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن جۇڭلىياڭغا قول ئاسىتىدىكىلەر ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قىمار ئوينىشى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىسدىن قالدۇرۇلدى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يادرو ۋە رادىئاتسىيە بىخەتەرلىكى مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى زوڭمىڭغا قول ئاستىدىكىلەر ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  «خەلق گېزىتى»تەھرىراتى شاڭخەي شۆبىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيەنلىنگە ئىشخانا كۆلىمى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمىغانلىقتىن پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەمدە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت باش شىركىتى جەنۇبىي دېڭىز شەرق باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باشلىقى ليۇ زەيشىڭغا قول ئاسىتىدىكى تارماق ۋە ئورۇننىڭ مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ھەمدە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ گۇاڭشىڭ، پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇ يۈجېلەرگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى شاڭخەي قەرەللىك مال بىرژىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى ياڭ مەيجۈنگە ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى «مەسئۇلىيىتى »نى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقى ئادا قىلىشى؛ ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى پارتىيىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى چېڭىتىشى؛ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئۆتكۈر قورال قىلىپ، مەسئۇلىيىتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى، جاۋابكارلىقنى ھەقىقىي تۈردە سۈرۈشتۈرۈپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر