باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلدى

دوختۇرخانىلارنىڭ دورىغا ئۈلۈش قوشۇش كىرىمىنىڭ ئازىيىپ كەتكەن قىسمىنىڭ %70ى داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ

2015.10.28 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 26 - ئۆكتەبىر بىرلىكتە «ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەشكە دائىر يېتەكچى پىكىر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا دورىغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، باھا پەرقىسىز سېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىلارنىڭ دورىغا ئۈلۈش قوشۇش كىرىمىنىڭ ئازىيىپ كەتكەن قىسمىنىڭ %70ى داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ تارماق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نىڭ روھىغا ئاساسەن، دۆلەت دەرىجىلىك سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە دەرىجىلىك 12 ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى كىرىم قۇرۇلمىسى، نىسبىتىنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىش ئاساسىدا، دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش ئىقتىدارى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، شۇنداقلا تېببىي خادىملارنىڭ تېخنىكا، ئەمگەك مۇلازىمىتىنىڭ قىممىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال نەزەرگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان.

  جايلار (ئوبلاست، شەھەرلەر) ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئاساس قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر - ئىككى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى ھېسابلاپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇشتىن قىلغان ئوتتۇرىچە كىرىمى بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىڭ كىرىم قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلىشى كېرەك. جايلار ئەمەلىي ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى تەڭشەش نىسبىتىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمىي مىقدارنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلەر بويىچە تەڭشەش نىسبىتىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىڭ باھا سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون جايلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشىگەندىن كېيىنكى يولغا قويۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، سىياسەتنى قاراتمىلىق باھالاپ، جايلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر