باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى، جۇڭگو ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ

2015.10.28 18:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 27-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 26-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە نۆۋەتتە ئافغانىستاندا ئاز دېگەندىمۇ 90 ئادەم قازا قىلغان، نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەۋرەش مەنبەسى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باداخشان ئۆلكىسىدە بولۇپ، قوشنا ئۆلكىلەر بولغان كۇنار ۋە نۇرىستانلاردىمۇ ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر بولغان. بىر قىسىم چەت ياقا جايلار بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولمىغان، قازا قىلغانلار سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە، تاھاردىن باداخشانغا بارىدىغان يول يەر تەۋرەشتە سىيرىلىپ چۈشكەن تاغ گەۋدىسى بىلەن توسۇلۇپ قالغان.

  26-ئۆكتەبىر كەچ، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئورۇنلىرىدىن بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئاپەت ئەھۋالىنى باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرغان، شۇنداقلا ئالاقىدار ئورۇنلاردىن جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان. ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرا ئەمەلدارى ئابدۇللا شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ بۇ دۆلەتتە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش بولۇپ، قازا قىلغان، يارىلانغانلار بەلكىم بىر قەدەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

  جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەمىنلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە يەر تەۋرەشتە بىرمۇ جۇڭگولۇق يارىلانمىغان، قازا قىلمىغان.

  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنىگە تېلېگرامما يوللاپ، يەر تەۋرەشتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئەنئەنىۋى دوستانە قوشنىسى بولغان ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 27-ئۆكتەىر ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىغا قارىتا ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىمۇ ئىككى دۆلەتكە جىددىي نەق پىرېۋوت ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىگە قارىغاندا، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ھىندىقۇش رايونىدا 26-ئۆكتەبىر كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش دەرىجىسى 7.8 بال بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 210 كىلومېتىر ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر