باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭ يۈك ترانسىپورتىدا يېڭىدىن تىرانسىپورت يولىنى كۆپەيتتى

2015.10.28 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 26- ئۆكتەبىر مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ يۈك ترانسىپورتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يۈك ترانسپورت بۆلۈمى «11- نويابىر سېتىۋېلىش بايرىمى»غا تەييارلىق قىلىپ، يېڭىدىن بىر تىرانسىپورت يولىنى كۆپەيتكەن. بۇ قۇرۇلۇش 10 - ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىدۇ.بۇ ۋاقىتتا چاغدا تىرانسىپورت يولى ئۈچكە كۆپىيىپ،يۈك ترانسىپورتى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، كۈنىگە 150 توننا مالنى توشۇيالايدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت ، جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ قەشقەر، غۇلجا، ﻛﻮﺭلا، ئاقسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانىدىن جەمئىي 13سى بار بۇلۇپ، مال يەتكۈزۈش سۈرئىتى تېزلىتىشكە بولىدۇ.

  «11- نويابىر سېتىۋېلىش بايرىمى» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتىلىدىغان ماللار، ئاساسلىقى ھۆل - قۇرۇق مېۋە – چېۋە، تۈرلۈك گۆشلەر، ھاراق، قېتىق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلتۇرقى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، سېتىۋېلىش بايرىمىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنلۈك توشۇش مىقدارى 120 توننا بولغان بۇلۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلقى كۈنلۈك توشۇش مىقدارى 130توننىدىن 140 توننىغىچە بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر