- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافغانىستاندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 365كە چىقتى، 2000دىن كۆپ ئادەم يارىلاندى
2015.10.28 18:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ھىندىقۇش رايونىدا شۇ يەر ۋاقتى 26-ئۆكتەبىر 7.8 بال يەر تەۋرىگەن. 27-ئۆكتەبىر كەچكىچە يەر تەۋرەشتە جەمئىي 365 ئادەم قازا قىلغان، 2000دىن كۆپ ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 115 ئادەم ئافغانىستاندىن، 248 ئادەم پاكىستاندىن، ئىككى ئادەم ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدىن ئىكەن.
ھىندىقۇش رايونى ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون. ئافغانىستاندا 1949-يىلى 4-مارت 7.5 بال يەر تەۋرىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئافغانىستاندا ئاز دېگەندىمۇ يەتتە قېتىم 7.0 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى ئاساسەن ھىندىقۇش رايونىغا جايلاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر