باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە مەخسۇس دوكلات بەردى

2015.10.26 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەردى. لى كېچياڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇشنى «نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىگەن، قىيىنچىلىقنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، بىز يەنىلا ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىيات يەنىلا جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. ئىقتىسادنى داۋاملىق ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ قەدەم تاشلاشتا، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، قوش ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى كونا، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىۋاتقان داۋاملاشما مەزگىلدە، قوش ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاممىۋى مەھسۇلاتلار، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئىبارەت قوش ماتورنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى تولۇقلاپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغنى كۆپەيتىش كېرەك. بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەت بىر تەرەپلىمە ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلماستىن، جەمئىيەت دەسمايىسى بىلەن قۇرۇشنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى لازىم. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قوش ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى-خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش. ھۆكۈمەت ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشى شۇنداقلا بازار بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش، كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىش، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى تەڭكەش ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر