باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى تۈنۈگۈن شاڭخەيدە ئېچىلدى

2015.10.28 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى تۈنۈگۈن شاڭخەيدە ئېچىلدى. جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئايرىم-ئايرىم خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى : يېڭىلىق يارىتىش — ھازىرقى دۇنياۋى يۈزلىنىش. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماتورىنى بەرپا قىلماقتا. ھەۋەسكارلار بىلەن سەرخىللار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىگىلىك تىكلەپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ بېيىشى ۋە جەمئىيەت ئادىللىقىمۇ تۈرتكە بولدى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىدا يېڭىلىق يارىتىش تورىنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سېغدۇرۇشچان، سىجىل ئېشىشى، يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى ئەقىل-پاراسىتى، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قوزغىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىل گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق « يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت» ، نۇرغۇن پەن - تېخنىكا ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، پەن -تېخنىكىنى يادرو قىلغان يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى يارقىن نۇقتا ۋە ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىشىنى خالايدۇ.

  نېتانىياخۇ مۇنداق دېدى: يەر شارىدا ئىقتىسادىي رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنى ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىدىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئىسرائىلىيەنى ئاساسلىق مېھمان قىلىپ تاللاش- ئىسرائىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەنلىكى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك. پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى 2008- يىلى تەسس قىلىنغان، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پەن تېخنىكا مىنىستىرلىكى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان. ئىسرائىلىيە تەكلىپكە بىنائەن، مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر