- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى تۇنجى قېتىم ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ
2015.10.28 18:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى(ماتېرىيال سۈرەت)
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئاستانە 28-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 30-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىكەن، شۇنداقلا بۇ بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن رايون ۋە پۈتۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان پۇرسەت ھەم خىرىسلار ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىدىكەن.
كېررى جۈمە(30-ئۆكتەبىر) ئاۋسترىيەدىكى سۇرىيە ۋەزىيىتى سۆھبىتىدىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق بەش دۆلەتنى زىيارەت قىلىدىكەن، 3-نويابىر ئامېرىكىغا قايتىدىكەن. ئامېرىكا گوۋۇيۈەن باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوخشاش زىيارەت كۈنتەرتىپىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنى ئارقا-ئارقىدىن زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر