- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە ھۆكۈمىتى پاسپورت ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى ئۆستۈردى
2015.10.28 18:20 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپادا كۆچمەنلەر ۋەزىيىتى تەدرىجىي ئېغىرلاشقان بولۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى پاسپورت ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن، دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ ئارقىلىق 300 مىليون فوندستېرلىڭ راسخوت قوشۇلىدىكەن.
سۇرىيەدە ئۇرۇش بولغىنىغا نەچچە يىل بولدى، سىرتقا مۇساپىر بولۇپ بارغانلارنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئاشتى، بۈگۈنكى كۈندە چەت ئەلگە قېچىۋاتقانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا. دەمەشىق دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش ۋە يېڭىلاش تەرتىپىنى بوشاشتۇرغان، لېكىن بۇنىڭغا كېرەكلىك ھەقنى نەچچە ھەسسە ئۆستۈرگەن.
سۇرىيەدە يېڭى كۆچۈش ھۆججىتىنى ئىلتىماس قىلىشقا 11 فوندستېرلىڭ كېتىدىغان بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورت ئىلتىماس قىلىشقا بولسا 260 فوندستېرلىڭ كېتىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر