باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالاقە تورى+›› ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

2015.10.28 18:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىستۇدېنتلار كوماندىلىرى ئىككى كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشتى

  جىن بونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئەمدىلا ئاياغلاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئالاقە تورى+›› ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹ئۈرۈمچى كائىنات پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى›› كارخانا كوماندىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹ئالتۇن ئون مىنۇت قۇتقۇزۇش ئەسۋابى›› تۈرى كوماندىسى ئەمەلىيەت گۇرۇپپىسى ۋە ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹ئالاقە تورى+يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇمىي كەسىپلەر زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى مۇلازىمەت سۇپىسى››، ‹‹ 52 مىكرو مەكتەپ›› ، ‹‹<بېيشىن> قۇلايلىق ئىجارە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى››دىن ئىبارەت تۈر كوماندىسى ئەمەلىيەت گۇرۇپپىسى ۋە ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ۋە جىلىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل 5 – ئايدىن بۇيان، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى 1878 ئالىي مەكتەپتىن 57 مىڭ 253 كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچى 200 مىڭدىن ئاشقان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن بىرلىكتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەشىق پىلانىنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، 11 ئالىي مەكتەپنىڭ 1300 دىن كۆپرەك تۈرىدە 5000 دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ تۈر لايىھەلەشكە ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپ، ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەشىق پىلانى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا ‹‹ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى››نى يولغا قويىدىكەن ھەم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى ‹‹13 – بەش يىللىق›› يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مائارىپ بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ زىچ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆلىمى زور، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، ئەمەلىيەتكە دادىل يۈزلىنىدىغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر