باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ سۈرىتىنى توپلاش سىستېمىسى ئاي ئاخىرىدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

2015.10.28 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرسىدە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ سۈرىتىنى(سۆرىتىنى) توپلاش سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرىۋاتقان بۇلۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ئاي ئاخىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلدىكەن.

  بۇ تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى، بۇنىڭدىن كېيىن قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، «كىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، شۇنى بىر تەرەپ قىلىش»نىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، ئىلگىرىكى باشقا پىراۋىدىن ۋاكالىتەن نومۇر تۇتۇش ئەھۋالىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى، باشقا پىراۋىدىن ۋاكالىتەن نومۇر تۇتۇش بايقالغان ھامان بۇ ئاپتوموبىل قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسىدا قۇلۇپلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ بىر يۈرۈش قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ سۈرىتىنى توپلاش سىستېمىسى بىلەن قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېرمىنالى ئۆزئارا ئۇلانغان بۇلۇپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا بىلەن قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى نەق مەيداندا سۈرەتكە تارتىپ ئىسپات ئېلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، بىرىنچىدىن، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى بىر تەرەپ قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى، ئىككىنچىدىن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى تەمىنلىگەن كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆزنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر