باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت - مائارىپ كەسپىگە ئىنتېرنېت + ئۇقۇمىنى كىرگۈزدى

2015.10.28 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 26- ئۆكتەبىر توڭ فاڭ بىلىم تورى (بېيجىڭ) تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ساھەسىدە «ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋەNKI قۇرۇش ئەندىزىسى» مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى چوڭ ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كۇتۇپخانا، ئارخىپخانا قاتارلىق مەدەنىيەت – مائارىپ، نەشرىيات ئاپپاراتلاردىن 50 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىر يەرگە جەم بولۇپ، «ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش»نى مەسلىھەتلەشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، مۇھاكىمە يىغىنى«بىلىم باشقۇرۇش بىلەن بىلىملەر بويىچە خىزمەت قىلىش ئاساسىدىكى ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى» يادرو قىلىپ، ژۇرنال ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئۆگىنىش ۋە باھالاش سۇپىسى، جامائەت مۇلازىمىتى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ئىبارەت تۆت مىسالنى كۆرسىتىپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر بىلەن يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى نامايەن قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر