باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىن كورلىغا پويىز قاتنايدۇ

2015.10.29 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى بېيجىڭدىن كورلىغا 3217قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىدۇ.

  بېيجىڭدىن كورلىغا بارىدىغان 3217قېتىملىق پويىز بېيجىڭ بېكىتىدىن سائەت 5تىن 25مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، ئۈچۈنچى كۈنى سائەت 20دىن 09مىنۇت ئۆتكەندە كورلا بېكىتىگە يېتىپ بارىدۇ. يولدا باۋدىڭ بېكىتى، شىجياجۇاڭ بېكىتى، جېڭجوۋ بېكىتى، لوياڭ بېكىتى، سەنمېنشيا بېكىتى، شىئەن بېكىتى، تيەنشۈي بېكىتى، لەنجوۋ بېكىتى، ۋۇۋېي بېكىتى، جاڭيې بېكىتى، شۇلېخې بېكىتى، ليۇيۈەن بېكىتى، پىچان بېكىتى، تۇرپان بېكىتى قاتارلىقلاردىن ئۆتىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر