سۈرەتتە:27-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى 89-تۈەنىنىڭ قازاق ئاھالىسى گۈلبەختنىڭ ئۆيىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئالتە مۈڭگۈزلۈك قوي.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گۈلبەختنىڭ تونۇشتۇرشىچە: بۇ قوي 2015-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان ئىكەن، تۇغۇلغاندا باشقا قوزىلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن. كېيىن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا 6 دانە مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىققانىكەن. گەرچە ئۇنىڭدا 6 دانە مۈڭگۈز بار بولسىمۇ، لېكىن يەم يېيىشىگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن. گۈلبەختنىڭ ئائىلىسى بۇ 6 دانە مۈڭگۈزلۈك قوين ساتماي ۋە بوغۇزلىماي كۆڭۈل قويۇپ بېقىشنى قارار قىلغان.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۆپ مۈڭگۈزلۈك قوينىڭ مۈڭگۈزى ئىرسىيەت جەريانىدا گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بولۇپمۇ ئۈچ مەنبەلىك شالغۇتلاش جەريانىدا ئاسانلا پەيدا بولىدىكەن. لېكىن بۇ خىل 6 دانە مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىققان قوي ئىنتايىن كەم ئۇچىرايدىكەن.
60 ياشلىق ھۈسەنباينىڭ دېيىشىچە، بۇ تۈەندىكى مال دوختۇرلۇق پونكىتىدا خىزمەت قىلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، 6 دانە مۈڭگۈز بار قوينىتۇنجى قېتىم كۆرۈشى ھېسابلىنىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى