خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 27-ئۆكتەبىر، 2015- 2016- يىللىق مۇسابىقە مەزگىلى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 5- قېتىملىق مۇسابىقىسى باشلاندى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 8:00 دە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ، لياۋنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 60 قا قارشى 81 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى يېڭى مۇسابىقە مەزگىلىدە ئۇدا بەش قېتىم غەلبە قىلىپ، ھەقىقىي كۈچىنى نامايان قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى