باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مېيىپلار كوچا ئاپتوبۇسىغا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ

2015.10.26 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2016-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىغا ۋە ئۆزى ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە مېيىپلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئادەتتىكى لىنىيە ئاممىۋىي ئاپتوبۇسلىرىغا ۋە BRTغا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدۇ.

  تۈنگۈن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، « مېيىپلار ھەقسىز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش» بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 100 ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى بولۇپ، مېيىپلارنىڭ« ئالاھىدە ئېتىبارلىق مۇلازىمەت»نى كېڭەيتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ مېيىپلارنىڭ شەھەر رايونى كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى 2-ئەۋلاد« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلىق كېنىشكىسى» بار ئۆزى ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى بار مېيىپلار، مېيىپلار ھەقسىز ئاممىۋىي ئاپتوبۇسغا ئولتۇررۇش IC كارتىسى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« مېھرى - شەپقەت كارتىسى» دېيىلىدۇ)، كارتا ئارقىلىق شەھەر ئادەتتىكى لىنىيە ئاممىۋىي ئاپتوبۇسى ۋە BRT غا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدىكەن.

  مېھرى - شەپقەت كارتىسى بېجىرىدىغان مېيىپلار ئۆزىنىڭ كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، مېيىپلار گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، بىر سوڭلۇق رەڭلىك ئۇدۇلدىن چۈشكەن يالاڭباش سۈرىتىدىن ئۈچ پارچە، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مېيىپلار بىرلەشمىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىزىملىتىپ، ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرشىچە، ھازىر، ھەر قايسى رايۇن، ناھىيەلەردىكى مېيىپلار بىرلەشمىسى مېيىپلارغا جەدۋەل تولدۇرۇش، تىزىملىتىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر باشلانغان. كېلەر يىلدىن باشلاپ، مېيىپلار ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا 2-ئەۋلاد« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەر گۇۋاھنامىسى» ۋە« مېھرى-شەپقەت IC كارتىسى» ئارقىلىق ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرسا بولىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر