باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دراما «ئويغىنىش» ئۈرۈمچى تاماشىبىنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى

2015.10.27 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەقىقىي ۋەقە ماتېرىيال قىلىنغان، روشەن ۋەقەلىك ۋە دراماتىك توقۇنۇشلار بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى

  سۈرەتتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئارتىسلىرى«ئويغىنىش»ناملىق دىراممىنى ئوينىماقتا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجاد قىلغان دراما «ئويغىنىش» ۋەدىىسى بويىچە 25- ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.دراما«ئويغىنىش»تا ئەسلىدە بىر بەخىتلىك، ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان ئائىلىدىكى ئەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بالىسىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ، ئايالىنى ئورىنىپ كىيىنىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، كېيىن ئايالىنىڭ قانۇن ئوقۇيدىغان سىڭلىسىنىڭ ئۇرۇغ – تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزىنىسىنى قۇتقۇزۇپ، بۇ ئائىلىدىكى شاد-خوراملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

  دراما «ئويغىنىش»تىكى ئېنىق ۋەقەلىك ۋە دراماتىك توقۇنۇشلار تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتى تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ درامىدىكى قىزىنىڭ رولىغا چىققان قىزچاق بەدىنىدىكى قارا خالاتنى يىرتىپ تاشلاپ، يىغلاپ تۇرۇپ دادىسىغا ئۆزىنىڭ قورقۇنچى ۋە نارازىىلىقىنى ئېيتقان ھەمدە دادىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە قايتىدىن ئېرىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر