باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزدە 9-ئايدا سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپ 3490 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2015.10.26 16:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 25-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە بۇ يىل 9-ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە روھىغا خىلاپ 3490 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 4645 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 3443 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، قوشۇمچە ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق پۇلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تارقىتىش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، 732گە يەتكەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىشنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، سوۋغات ۋە سوۋغات پۇلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىش ۋە سوۋغا قىلىش، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراقلارنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار تۇرىدىكەن.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلە روھىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئىزچىلىشىش، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ 66 ئورگىنى، 111 مەركەز كارخانىسى، مەركەزنىڭ 15 پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئايدا مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر