خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر مۇز توپ سالاھىيەت مۇسابىقىسى 25-ئۆكتەبىر شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزى مۇز توپ مەيدانىدا باشلاندى. 13-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ساھىبخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرىچە يېشى 18 ياشتىكى ئۈرۈمچى مۇز توپ ئەترىتى تۇنجى قېتىم ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقىغە چۈشتى.
25-ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئالدىنقى سەپ مۇھاپىزەتچىلەر كوماندىسى18گە قارشى 1لىك چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى يەڭدى؛ ئۈرۈمچى كوماندىسى0دە8 نەتىجە بىلەن، چېڭدې كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى