باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ كۆپ تىزىملاتقان خىزمەت ئورنىنىڭ نىسبىتى 510:1 بولغان 13 ئورۇنغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان

2015.10.26 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:10كۈنلۈك ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كېيىن 2016-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئوڭۇشلۇق ئاياقلاشتى. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 24-ئۆكتەبىر سائەت 18 غا قەدەر، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى شىنجاڭ رايونى 1104ئادەم قوبۇل قىلماقچى بولغان، تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسىدا جەمئىي 26مىڭ 725ئادەم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 24 ئادەم بىر خىزمەت ئورنىنى تالىشىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىدىكەن، بۇ يىلنى يىللاردىن بۇيانقى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا شىنجاڭدىكى ئورۇنلارغا تىزىملانقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ يىل دېيىشكە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، رىقابەت ئەڭ كۈچلۈك بولغان خىزمەت ئورنى شىنجاڭ زاپاس ماددىي ئەشيا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك ۋەزىپىسى ئىكەن، بۇ خىزمەت ئورنىغا بىر ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن 510 ئادەم ئۆكەن . رىقابەت نىسبىتى 510:1غا يەتكەن ئىكەن. ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ۋوگزال ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىقىغا 641ئادەم تىزىملاتقان، ئىككى ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ 320.5ئادەمنىڭ بىر ئورۇننى تالىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىڭتۇەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىسى تەكشۈرۈش ئەترىتى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم خادىملىق ئورنىنىڭ رىقابەت نىسبىتى 317:1 بولغان.

  نۆۋەتتە يەنىلا 13 خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان بولۇپ، ھېچكىم تىزىملاتمىغان ئورۇنلاردىن جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئالتە ئورۇن، ئاپتونوم رايونلۇق چېگرا پرىيوم - كارانتىن ئىدارىسىدىن تۆت ئورۇن، شىنجاڭ مېتورولوگىيە ئىدارىسىدىن 2 ئورۇن، دۆلەت سىتاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن بىر ئورۇن بار ئىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر