باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پىششىقلانغان گۆش راك پەيدا قىلىدۇ دېدى

2015.10.27 13:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) فرانسىيە لىئونغا جايلاشقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارىمىقىدىكى خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى 26-ئۆكتەبىر دوكلات ئېلان قىلىپ، سۈرلەنگەن چوشقا سېنى، كولباسا قاتارلىق پىششىقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى راك پەيدا قىلغۇچى قاتارىغا كىرگۈزدى، ھەمدە قىزىل گۆش ئىستېمال قىلسىمۇ راك پەيدا قىلىشى «مۇمكىن» دېدى.

  10 دۆلەتتىن كەلگەن 22 نەپەر مۇتەخەسسىس تەخمىنەن 800 پارچە گۆش ئىستېمالى بىلەن راك كېسىلىنىڭ باغلىنىشى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئانالىز قىلىپ، بۇ دوكلاتنى تۈزۈپ چىقتى.

  دوكلاتتا: «ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن، تولۇق ئىسپاتلار پىششىقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش بوغماق ئۈچەي راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، ھەركۈنى 50 گرام پىششىقلانغان گۆش ئىستېمال قىلغاندا بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %18 ئۆرلەيدۇ»، دوكلاتتا تۇزلاش، ئىسلاش ياكى ئېچىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان خوت دوگ، سۈرلەنگەن چوشقا سېنى، كولباسا، تۇزلانغان گۆش، قۇرۇتۇلغان گۆش، كونسېرۋالىق گۆش ياكى گۆش تۈرىدىكى قىيام قاتارلىق پىششىقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرى كۆرسىتىلدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سۆز بويىچە ئېيتقاندا، بۇ پىششىقلانغان گۆشنىڭمۇ بۇ ئورگان تەرىپىدىن تاماكا، تاشپاختا ۋە دېزىل مېيى ئىسى بىلەن بىر تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق دوكلاتتا ئۇلارنىڭ راك پەيدا قىلىش خەۋپى دەرىجىسى سېلىشتۇرۇلمىغان بولۇپ، بۇ گۆش ئىستېمال قىلىشنىڭ تاماكا چەككەندەك ئۇنچىلىك خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  كالا گۆشى، قوي گۆشى، توڭگۇز گۆشى ۋە ئات گۆشى قاتارلىق قىزىل گۆش ئىستېمال قىلىشقا قارىتا، دوكلاتتا «چەكلىك ئىسپاتلار» بۇ تۈردىكىلەرنىڭ «راك پەيدا قىلىش رولى» بارلىقىنى كۆرسەتتى، دېدى، بۇلار بەلكىم ئاساسلىقى بوغماق ئۈچەي راكى، توغرا ئۈچەي راكى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ۋە مەزى بېزى راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  بۇ دوكلاتقا قارىتا، بىر قىسىم گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى قارشى تۇردى، بىر قىسىم مۇستەقىل كەسپىي زاتلار سېفىرلارنى چۈشەندۈرگەندە ئېھتىياتچان بولۇشنى ئەسكەرتتى.

  ئەنگىلىيەدىكى ئوزۇقلۇق تەتقىقاتچىسى جونسون «ئەنگىلىيەدە گۆشسىز تاماقلىنىدىغانلارنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ گۆش يەيدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىدە ئاساسەن ياكى ھىچقانداق ئىسپات يوق» دېدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر