باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>5-ئۇمۇمىي يىغىن

5-ئومۇمىي يىغىندىكى ئالتە چوڭ قىزىق نۇقتا

2015.10.27 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 12-ئۆكتەبىر ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىنىنىڭ قارارىغا قارىغاندا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى 26-ئۆكتەبىردىن 29-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىزنى تۆۋەندىكى ئالتە چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئاغدۇرۇڭ:

  [قىزىق نۇقتا 1] ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟

  «پارتىيە نىزامنامىسى»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ئۆتكۈزىدۇ، يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، 1-ئومۇمىي يىغىن ئادەتتە پارتىيە قۇرۇلتىيى يېپىلىپ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنى سايلاش قاتارلىق مۇھىم كادىرلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېما قىلىنىدۇ؛ 2-ئومۇمىي يىغىن ئادەتتە پارتىيە قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلۈپ يىل ئۆرۈلگەن 2-ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاساسلىقى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يېڭى نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرىدىن تەكلىپ بەرگۈچى نامزاتلار، سىياىسي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرىدىن تەكلىپ بەرگۈچى نامزاتلار كۆرسىتىلىدۇ.

  3-ئومۇمىي يىغىندىن 7-ئومۇمىي يىغىنغىچە، ئومومىي يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت سىياسي بيۇرۇسى يىغىنىدا بېكىتىلىدۇ، بىر قېتىملىقىدا ئېچىلىدىغان ئاي بېكىتىلىدۇ، يەنە بىر قېتىملىقىدا كونكرېت ئېچىلىش ۋاقتى بېكىتىلىدۇ.

  بۇ يىل 20-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسى يىغىنىدا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغانلىقى» بېكىتىلگەن؛ 12-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسى يىغىنىدا 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ «26-ئۆكتەبىردىن 29-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى» بېكىتىلگەن.

  [قىزىق نۇقتا 2] بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى قايسىلار؟

  ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بېكىتىلگەن ئاشۇ قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىنىدا بىرلا ۋاقىتتا ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى بېكىتىلىدۇ.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «13-بەش يىللىق يىرىك پىلانى»نى تۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىدۇ.

  1995-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن باشلاپ، ھەر يىلقى 5-ئومۇمىي يىغىندا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «بەش يىللىق يىرىك پىلانى» (11-بەش يىلدىن ئىلگىرى «بەش يىللىق پىلان» دەپ ئاتىلاتتى) تۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش يىغىن قارالمىلىرىغا كىرگۈزۈلدى.

  مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يەنە مۇنداق بىر تۈرلۈك مۇھىم قارالمىسى بار: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ئادەتتە 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن باشلاپ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازا بېرىلگەن مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزالىرىنى تەشكىلىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ئورنى بوش قالغاندا، ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزالىرىنى ئېرىشكەن ئاۋازىغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە تولۇقلاش قارار قىلىنىدۇ.

  ئاشكارا خەۋەرگە قارىغاندا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن لىڭ جىخۇ، ياڭ دۇڭلياڭ، جۇ بېنشۇنغا پارتىيەدىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەن، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزالىرىدىن جۇ مىڭگو، ۋاڭ مىن، چېن چۈەنپىڭ، چۇ خې، ياڭ ۋېيزې، يۈ يۈەنخۈي، پەن يىياڭغا پارتىيەدىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى سۇ شۇلىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ؛ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزاسى فەن چاڭمى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ھەربىي تەپتىش ئورگىنى 2014-يىلى 12-ئايدا ئۇنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  [قىزىق نۇقتا 3]ئومۇمىي يىغىنغا كىم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؟ كىملەر قاتنىشىدۇ؟

  «پارتىيە نىزامنامىسى»دە: مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىغا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى بولغانىكەن، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزالىرى قاتنىشىدۇ، ئەلۋەتتە.

  [قىزىق نۇقتا 4] مەركىزىي كومىتېت «12-بەش يىللىق» يىرىك پىلانغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيورۇسى مۇنداق دېدى: «12-بەش يىل» دۆلىتىمىز قالتىس تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن بەش يىل. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جاپالىق ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيەمىز مەملىكەت خەلقىنى قەيسرانە ئېلىشىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ياراتتى، دۆلىتىمىز تەرەققىيات جەھەتتە زور ئۇتۇق قازاندى. «12-بەش يىللىق» يىرىك پىلان نىشانى پات ئارىدا غەلبىلىك قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە كۈچى، خەلقئارادىكى تەسىرى جەھەتتە يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلىدۇ.

  [قىزىق نۇقتا 5] مەركىزىي كومىتېت «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننىڭ مۇقامىنى قانداق بېكىتىدۇ؟

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيورۇسى مۇنداق دەپ دېىى: 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش پارتىيەمىزنىڭ «قوش 100 يىل» كۈرەش نىشانىدىكى تۇنجى 100 يىل كۈرەش نىشانى. «13-بەش يىل» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلانى بۇ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ تۈزۈلۈشى كېرەك. نۆۋەتتە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى زور ئۇتۇقلۇق مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە نۇرغۇن زىددىيەت توپلانغان ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ ئىچكى مەزمۇن ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان سېلىنغان پۇختا ئۇل ئاساسىدا، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، كۈچنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

  مەركەز مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «13-بەش يىل»دا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ قەرەلىدە قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىل كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  [قىزىق نۇقتا 6] يىرىك پىلان تەكلىپى ۋە يىرىك پىلان تىزىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلانى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى دۆلىتىمىزنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تىزىسى تۈزۈشىنى مۇھىم ئەمەل بىلەن تەمىنلەيدۇ. «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تىزىسى تۈزۈلگەندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ تەستىقلىشىغا يوللىنىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» كۇپىيەسىگە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا پىكىر ئېلىنغان. جايلار، تارماقلار، ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەكلىپ كۇپىيەسىگە پىكىر-تەكلىپ بەرگەن، ھۆججەت كۇپىيەسىگە تولۇق قوبۇل قىلىنغان ۋە نامايان قىلىنغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر