باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئۆينىڭ باھاسى 9-ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.8 ئۆرلىدى

2015.10.27 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:23-ئۆكتەبىر، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى « 2015-يىلى 9-ئايدا 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەردىكى تۇرالغۇ ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالى»نى ئېلان قىلغان، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.7تۆۋەنلىگەن؛ نىمكەش ئۆينىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن % 0.2 ئۆرلىگەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.8 ئۆرلىگەن.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىلگىرىكى يىللاردا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نىمكەش ئۆي باھاسى بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئۆرلەشكە باشلىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇدا 6 ئاي ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى 4-ئايدىكى0.3%دىن 6-ئايدىكى% 0.9 غىچە ئۆرلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆرلەش نىسبىتى چۈشۈپ، 9 - ئايدا % 0.2 غا چۈشكەن.

  ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، جامائەت فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇل سوممىسى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، قەرز ئېلىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۈرۈمچى ئۆي بازىرىنىڭ ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن. نىمكەش ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى يېڭى سېلىنغان ئۆيگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولغاچقا، ئالدى بىلەن ئۆرلەيدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر