خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 26-ئۆكتەبىر پاكېستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كوخات ناھىيەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان ئۆيلىرىنى تەكشۈرمەكتە. پاكېستان تاراتقۇلىرىنىڭ 26-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە پاكىستاندا ئاز دېگەندە 220 كىشى قازا قىلىپ، 1200 كىشى يارىلاندى.
پاكېستان ئاخبارات مېنىستىرى رەشىد ئئاپەت رايونىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەشىد كونكېرت تالاپەت سانىنى ئېيتمىدى، ئەمما تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن بولغان غەربىي شىمال قىسىمدىكى كايبېر-پوشتۇن ئۆلكىسى ۋە قەبىلىلەر رايونىدا ئاپەتنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. قاتناش ۋە ئالاقە قولاي بولمىغانلىقتىن، بىر قىسىم چەت يىراق رايونلاردىكى ئاپەت ئھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس، قازا قىلغانلار سانى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى