خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: («ئاقسۇ گېزىتى»مۇخبىرلىرى توختى ئەرشىدىن، مۇختار ئابدۇقادىر خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاقسۇ شەھرىدىكى ئاستانە رېستۇرانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر،يازغۇچى، ژورنالىست، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابلىز ئوسماننىڭ 50 ياشقا تولغانلىق خاتىرسى ۋە «چۆلدىكى ئۈژمە دەرەخلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
شائىر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى ئىلھامجان روزى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى، ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى ئەخمەت كىبىر، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومتېتىنىڭ مۇدىرى مۇختار داۋۇت ئۆزيول، شائىرە، نەسىرچى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى، ئاقسۇ شەھرى ئىگەچى يېزىلىق قوش تىللىق بالىلار يەسلىسىنىڭ مۇدىرى، ئامانگۈل نىياز، تالانتىلىق ياش ئەدىپ، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى روزى سوپى ئۈچتىكىن، ياش شائىر ياسىنجان ئىمىن ئۈمىت قاتارلىقلار تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شائىر، يازغۇچى، ژورنالىست ئابلىز ئوسماننىڭ ئىجادىي ھاياتىنى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى.
تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىنى ئۇچتۇپان ناھىيەسىدىكى قەلەمكەش دوستلار ئىستىگە ئالغان بولۇپ، ئاقسۇدىكى ئەدىپ، قەلەمكەشلەردىن ئېزىز ساۋۇت، ئەخمەت ۋاھىدى، تۇنىياز مەتنىياز، سالىي ئىبرايىم خالىس، ئىمام مۇھەممەت، باتۇر رەخمۇتۇللا، تۇرغۇن مىجىت، ئېزىز نىياز پاسىلى، يۈسۈپجان مۇھەممەت توغيان قاتارلىقلار ھەمدە ئاقسۇ شەھرى، ئۇچتۇرپان، ئونسۇ، ئاۋات، كۇچا، توقسۇدىن كەلگەن قىسمەن ئاپتۇرلاردىن 60 تىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، ئابلىز ئوسماننىڭ بۇيىل دەل 50ياشقا كىرگەنلىكى ۋە «چۆلدىكى ئۈژمە دەرەخلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇق تىلىدى.
ئابلىز ئوسمان 1965-يىلى 8-ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ، دەسلەپتە «ئاقسۇ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2005-يىلى 8-ئايدا، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە شۇ يەردە باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئر، 50 نەچچە پارچە ھىكايە، پوۋىست، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرە، 25 پارچە ماقالىسى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. شۇنداقلا «پىلسىرات كۆۋرۈكى» (پوۋىست-ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى)، «شۇ كېچە» (شېئىرلار توپلىمى)، «پىداكار شائىر نىمشېھىت» (ئوچېرىك)، «چۆلدىكى ئۈژمە دەرەخلىرى» (ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرە، ماقالىلەر توپلىمى) قاتارلىق كىتابىي ۋە ئۇ تۈزگەن «تەكلىماكان چىچەكلىرى» (شېئىرلار توپلىمى)، «تارىمدىكى ئاي» (ھىكايىلەر توپلىمى) قاتارلىق كىتاپلار نەشىر قىلىنغان، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نەشىر «20پارچىگە يېقىن ئەسىرى ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك ئۇيغۇرچە –خەنزۇچە ئەدەبىي توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، 30پارچىگە يېقىن ئەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى »ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ «تالانت، ئادەم، كېلىچەك» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇنچاغ» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايۇن بويىچە گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا «ئوت ناخشىسى» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «كەچكۈز لىرىكىسى» ناملىق شېئىرى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بىر پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ تىل –ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 1996-يىلى «پىلسىرات كۆۋرۈكى» ناملىق پوۋىستى 6-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، «پىلسىرات كۆۋرۈكى» ناملىق كىتابى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «ئون بىر يۇرۇق نوقتا» قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى كىتاپ مۇكاپاتىغا، «ئاھ پەرىشتىلەر» ناملىق داستانى 2003–يىللىق «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2015-يىلى 3-ئايدا ئۇ تەرجىمە قىلىپ، «تارىم»ژورنىلىدا ئېلان قىلغان «گىيوتى لىرىك شىئېرلىرى» ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى