ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ھىندۇنېزىيە زۇڭتۇڭى زوكې شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 26-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا كۆرۈشتى، بۇ، ھىندۇنېزىيە زۇڭتۇڭى زوكېنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
زوكې بۇ يىل 54 ياش، ئۇ ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «ھىندۇنېزىيەلىك ئوباما» دەپ نامى بار. زوكې ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆي جاھازىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2005-يىلى سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان.سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئۇ دائىم دېگۈدەك شەھەردىكى نامراتلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن، ئۆزىنىڭ شەخسىي كىرىمى ئارقىلىق نامرات دېھقانلارغا ياردەم قىلغان، خەلققە مايىل، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان بۇ رەھبەرنىڭ ئوبرازى بارا-بارا خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغان. 2014-يىلى ئىيۇلدا ئۇ 53.15 ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.