خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۈشەنبە كۈنى كەچتە، نەچچە ئايلىق ئېغىر جاپالىق سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق، 007 چاتما فىلىمىنىڭ يېڭى قىسىمى « ئەرۋاھلار پارتىيىسى» (Spectre) ئاخىرى دۇنيا خەلقىگە ئۆزىنىڭ سىرلىق يۈز پەردىسىنى ئاچتى.
تۇنجى قېتىملىق قويۇلۇش مۇراسىمى لوندون خان جەمەتى مۇزىكا زالىدا كاتتا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيدانغا كىنو چولپانلىرى توپلاشتى. دۇنيا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان جاسوس جېمىس باندنىڭ 6 – نۆۋەتلىك رولىنى ئالغان دەنىر كىرەگ(Daniel Craig)، قارا فراك (ئەرەنچە مۇراسىم كىيمى) بىلەن مۇراسىمىغا قاتناشتى.
دەنىر كىرەگ بىلەن بىرگە مۇراسىمىغا قاتناشقانلاردىن يەنە، بۇ كىنودا رول ئالغان « باند خانقىزى» لىيا سېدۇ(Léa Seydoux) ۋە مونىكا بېللۇچ(Monica Bellucci)مۇ بار. خان جەمەتى ئەزالىرىدىن شاھزادە ۋىليام ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى خانىش كەيت ۋە خاررى شاھزادە تەكلىپكە بىنائەن تۇنجى قېتىملىق قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى