باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى بىرلەشتۈرۈلدى

شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى

2015.10.27 13:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەرھابا تەرجىمىسى) : كېلەر يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر - بازار ئاھالىلىرى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا دائىرىسى كۆپەيتىلىدۇ، ئامبولاتورىيىدە داۋالانسا ئاتچوت قىلىنىدىغان ئاستا خارەكتىرلىك كېسەلنىڭ تۈرى كۆپەيتىلىدۇ....... بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق رايونىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى ۋە شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىزىغا سالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  تۈنۈگۈن، شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چارىسى» ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق ماقۇللانغان، ھەمدە 2016 –يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرى، دېھقان - چارۋىچىلار بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرشقا باشلىدى. بۇرۇن شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار، ھەق تاپشۇرۇش بانكا كارتىسىغا پۇل قويسا بۇلىدۇ؛ بۇرۇن يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار داۋاملىق نەق پۇل تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ، ياكى قايتىدىن بانكا كارتىسىدا ھەق تاپشۇرۇشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، خىزمەتچى خادىملار ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە ئىلتىماس قىلىسا بولىدۇ.

  بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدۇ : قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان ھەققى 180 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رايونلۇق ( ناھىيە ) خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تارقاتقان «ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى كىنىشكىسى» بار قۇرامىغا يەتكەنلەر،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەر گۇۋاھنامىسى» بار قۇرامىغا يەتكەنلەر،« تۆۋەن كىرىملىك» قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان ھەققى 90 يۈەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان ھەققى 60 يۈەن بۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رايونلۇق ( ناھىيە ) خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تارقاتقان «ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى كىنىشكىسى» بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئوقۇغۇچىلار،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەر گۇۋاھنامىسى» بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئوقۇغۇچىلار، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان ھەققى 30 يۈەن بۇلىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى چەكلىك. كېلەر يىللىق ھەقنى بۇ يىل 12 -ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇش لازىم، ھەق تاپشۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا ئاندىن كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. يىل ئىچىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى شۇ يىلى 25 - ئىيۇندىن بۇرۇن سۇغۇرتا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ ھەق تاپشۇرۇسا، ھەق تاپشۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، كىلەر ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  ئەگەر ھەق تاپشۇرۇش قىلىش جەريانىدا بىلەلمىگەن ئىشلار بولسا، شەھەرلىك ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. شەھەرلىك ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس تېلېفونى: (0991)8812333

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر