باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

70 شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ باھاسى يېرىمىدىن كۆپرەك شەھەردە ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا ئۆرلىگەن

2015.10.27 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتستىكا ئىدارىسى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان 2015-يىلى 9-ئايدىكى 70 چوڭ ئوتتۇرا شەھەردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھا ئۆزگىرىشى ئەھۋالىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا، 70 شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى يېرىمىدىن كۆپرەك شەھەردە ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا ئۆرلىگەن، ئۆرلىگەن شەھەرلەر ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا، يەنە 12سى كۆپەيگەن. كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، ئۆي بازىرى «30-سېنتەبىر» يېڭى سىياسەتنى كۈتۈۋالدى. ئەمما ئالدىنقى مەزگىلىدە ئۆي بازىرى ئېھتىياجى بىر قەدەر زور دەرىجىدە قويۇۋېتىلگەنلىكتىن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي بازىرىنىڭ ئۆسۈش كۆلىمى تەدىرىجىي ئاستىلايدۇ ھەمدە تەڭپۇڭسىز ھالەت داۋاملىشىدۇ.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 8-ئايدا گۇاڭجۇ، نەنجىڭ، خاڭجۇ، نىڭبۇ، شيامىن، ۋۇخەن قاتارلىق ئالتە شەھەرنىڭ ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا ئۆي باھاسى ئۆرلىگەن شەھەرلەر قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن، 9-ئايدا تىيەنجىن، جېڭجۇ، شىجياجۇاڭدا يېڭى ئۆيلەرنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەشكە باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا ئۆرلىگەن شەھەر 12گە يەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر