باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش بىلەن ئىجادىيەت ئېھتىياجىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

2015.10.27 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 15-ئۆكتەبىر باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن خەلقنى مەركەز قىلىشتەك ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يېلتىز تارىتىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يازغۇچىلارنىڭ «ئامما ئارىسىغا بېرىش»،« چوڭقۇر چۆكۈش»، «سېڭىشىشى»غا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش بىلەن ئىجادىيەت ئېھتىياجىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  2014-يىلى 11-ئايدا مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بەش مىنستىرلىق، كومىتېت ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يېلتىز تارىتىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسى سېكرېتارىياتىنىڭ خىزمەتچىلىرى 20دىن ئارتۇق ئۆلكە ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۈگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسدا يېلتىز تارىتىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يېلتىز تارىتىش» پائالىيىتىنى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ باردى، يازغۇچىلار كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە ئاۋاز قوشتى.

  كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: سۆزىنىڭ روھىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ئولۇغۋار ئەمەلىيىتىنى يېزىپ، دەۋىر تەرەققىياتى تەلىپىنى خاتىرلەپ، جانلىق، مەدەنىيەتلىك، تەسىرى بار ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر