باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي يەر خېتى بېجى مالىيە تولۇقلىمىسى سىياسىتى پائال ئەمەلىيلەشتى

2015.10.27 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئىگىلىشىچە ، بۇ يىل 3-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەر خېتى بېجى مالىيە ياردەم مەبلىغى 193 مىليون يۈەن پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي - زېمىن بازىرىنى تەدرىجىي ئېشىشىدا ئىجابىي رول ئوينىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي سودىسى كۆلىمى10 مىليون101مىڭ300 كۋادرات مېتىر، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 17.52 ئاشقان، سودا سوممىسى 42 مىليارد961 مىليون يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن16.31% ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، يەرلىك باج ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ « ئاپتونوم رايوندىكى ئۆي - مۈلۈك بازىرىنىڭ تەڭپۇڭ ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى »نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى قوللاش سىياسىتى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى تەدبىرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي - مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان « پىكىر » دىكى ئالاقىدار باج سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، بۇ يىل 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن بىرلىكتە تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى نازارىتى، يەرلىك باج ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار «ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي سودىسى يەر خېتى بېجى مالىيە تولۇقلىمىسى مەشغۇلات چارىسى»نى بىرلىشىپ ئېلان قىلىپ،2015-يىلى 3-ئاينىڭ1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش سودىسى يەر خېتى بېجىنىڭ باج نىسبىتى % 1 تىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا جايلاردىن مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش سودا يەر خېتى بېجى باجلىتىش ۋاقتى2016-يىلى2-ئاينىڭ29-كۈنىگىچە ئۇزارتىلىپ، ئۆي خېتى بېجى تاپشۇرۇشتا ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر