باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق بانكىسى لوندوندا مەركىزىي بانكىنىڭ بەش مىليارد يۈەنلىك چېكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى

2015.10.27 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسى لوندوندا مەركىزىي بانكىنىڭ بەش مىليارد يۈەنلىك چېكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: خەلق پۇلى خەلقئارا مۇساپىدە يەنە مۇھىم بىر قەدەم بېسىپ، تۇنجى قېتىم يەر شارىدىكى 4-چوڭ ھېساب قىلىش پۇل بىرلىكىگە ئايلىنىشتىن ، خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ ھېساب قىلىش سىستېمىسىغا كىرىشكىچە، يەنە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا خەلق پۇلى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە پۇل سوۋېتىگە كىرىش ياكى كىرمەسلىكىگىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  12- بەش يىللىق پىلاندىكى ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، جۇڭگو ئىقتىسادى ئاجىزلىماقتا دېگەن سادالار قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇردى. قاتتىق مالىيە پۇل سىياسىتىنى قوللىنىش، گۇمران بولۇش نەزەرىيىسى بىخلىنىشقا باشلىدى. بىراق جۇڭگو مۇنداق تەرەققىيات نەتىجىسىگە ئېرىشتى.

  12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جۇڭگو ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا خوت ئالماشتۇرغان بولسىمۇ سۈرەت ئۆزگەرمىدى، ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرىتى %7.8 گە يېتىشى مۆلچەرلەندى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكى يەر شارىنىڭ %2.5 لىك يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

  12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يەر شارىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى ھەمدە يەر شارىدىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى تۆتتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇقىم لەڭگەر، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى

  12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جۇڭگو ئۇدا دۇنيادىكى 1-ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى، ئەڭ چوڭ سودا دۆلىتىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئوتتۇرا كىرىملىكتىن يۇقىرىراق كىرىمدىكى دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. شەھەر بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى %50 دىن ئاشتى، تەتقىقات سېلىنمىسى جەھەتتە يەر شارىدا 2-ئورۇندا، تىز سۈرەتلىك تۆمۈر يول مۇساپىسى جەھەتتە دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇردى.

  دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى ئاستا ئەمما تېخىمۇ مۇقىم ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشىدىغان يولغا كىرمەكتە، بۇ دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتى بولۇپ قالدى.

  ھەر بىر ئالتۇن تاجنىڭ ئارقىسىدا يېڭى شەرەپلەر مەيدانغا كەلدى. جۇڭگو ئۇزۇندىن بۇيان ھارماي تالماي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساپ بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا كۆپلىگەن ئېنېرگىيە توپلىدى.

  ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايغان بولسىمۇ ، لېكىن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقى ئازايماستىن يۇقىرىلىدى. تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ، مەركەز مالىيىسى ئاجراتقان شەھەر يېزا تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما مەبلىغى 480 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، مالىيە كىرىمىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىش نىسبىتى %70 دىن ئاشتى. 2011- يىلىدىن 2014-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە كاپالەتلىك ئۆيدىن 32 مىليون 300 مىڭ يۈرۈش سېلىنىپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالەت تورى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر