باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ «قوش چۈشۈرۈش» سىياسىتى بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتتى

2015.10.27 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئامانەت-قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىمقى «قوش چۈشۈرۈش» چەت ئەلدىكى مىقدارلاشتۇرۇلغان قويۇۋېتىش سىياسىتى بىلەن قانداق پەرقلىنىدۇ ؟ كەلگۈسىدە مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەپ كونتىرول قىلىشتا يەنە قايسى جەھەتلەردىن ئويلىشىدۇ؟ 26-ئۆكتەبىر جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئۆسۈم ۋە فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى يەنىمۇ چۈشەندۇردى ھەمدە بۇ قېتىمقى « قوش چۈشۈرۈش» ئادەتتىكى پۇل سىياسىتى تەدبىرى، دېدى.

  مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ناھايىتى ئەنئەنىۋى، ئادەتتىكى پۇل سىياسىتى تەدبىرى، چەت ئەل مەركىزىي بانكىلىرى قوللانغان مىقدارلاشتۇرۇلغان قويۇۋېتىش سىياسىتى بىلەن ناھايىتى زور پەرقلىنىدۇ.

  مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېخى «نۆل ئۆسۈم» چەكلىمىسىگە دۇچ كەلمىدى، نامدىكى ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسى يەنىلا نۆلدىن يۇقىرى، بۇنىڭدىن باشقا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا نۆۋەتتە پۇل سىياسىتى جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش زۆرۈر بولىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۆسۈم نىسبىتى قورالى ۋە تەييارلىق فوندى نىسبىتى قۇرالىنى ئىشلىتىشتە يەنىلا بوشلۇق بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر