باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>5-ئۇمۇمىي يىغىن

ۋاقىت ۋە پۇرسەت بىزنىڭ يېنىمىزدا

تۇنجى 100 يىللىق نىشانىغا يۈرۈش قىلايلى---

2015.10.27 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ تەرەققىيات لايىھەسى مىليونلىغان خەلقنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىغا باغلىنىشلىق بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى نامايان قىلىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئالتۇن كۈزنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى بەلگىلىنىدۇ. بۇ بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدىغان، كۈچنى تۇنجى 100 يىل نىشانىغا يۈرۈش قىلىشقا مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يىغىن، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە يۇقىرى قاتلام لايىھەسى، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات نىشانى «جۇڭگو» ناملىق غايەت زور پاراخوتنى يېڭى مەنزىلگە باشلايدۇ.

  جۇڭگو ماس تەرەققىي قىلىپ، ئىككى بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ ئۇتۇقلىرى يەنىمۇ روشەنلەشمەكتە. ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى تېز ئاشتى، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى، ئېكولوگىيە ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بىز ئىسلاھات جەريانىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات-تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش يولىنىڭ ئىشقا ئېشىش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ روشەنلەشتۈرىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: «ۋاقىت ۋە پۇرسەت بىزگە پايدىلىق، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى يەنىلا مەۋجۇت».

  جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشقان غايەت زور پاراخوتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى دەل ئەشۇ «ۋاقىت».

  يېڭى يۆنىلىشتە ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىۋاتىمىز. جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن «12-بەش يىل» نىڭ ئالدىنقى تۆت يىلىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى تۆتتىن بىر نىسبەتنى ئىگىلىدى. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلىۋاتىدۇ، دۇنياۋى ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى خەرىتىسى تۈزۈلدى، ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى يېڭى ئۆزگۈرۈش تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. كەلگۈسى بەش يىلدا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتساق ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانساق، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ھالقىشنى تاماملىيالايمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر