باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

25 ئۆلكىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئاھالىلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئېلان قىلىندى

2015.10.28 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جايلارنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى ئاھالىلار كىرىمى سانلىق مەلۇماتى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىندى. مۇخبىرنىڭ تولۇقسىز مەلۇماتىغا قارىغاندا، 26-ئۆكتەبىرگىچە، مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە 25 ئۆلكە ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئاھالىلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئېلان قىلغان. شاڭخەي شەھىرىدە بارلىق ئاھالىلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 37568 يۈەنگە، بېيجىڭ شەھىرىدە 36047 يۈەنگە يەتكەن، بۇ ئىككى شەھەر ھازىر ئاھالىلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن شەھەرلەر ئىكەن.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئاھالىلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 16367 يۈەنگە يەتكەن. دائىمىي تۇرۇشلۇق جاي بويىچە ئايرىغاندا، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23512 يۈەنگە يەتكەن، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %6.8 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 8297 يۈەنگە يەتكەن، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %8.1 ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر