- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى 3 پەسىلدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى % 1.7 تۆۋەنلەپ كەتتى
2015.10.28 14:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27 -ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان ئومۇمىي پايدا 4 تىرىلىيون 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 % چۈشكەن.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت مەھكىمىسى ئۈنۈم باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې پىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى، 9 -ئايدا سانائەتتىكى پايدىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىشى ئاساسلىقى، مالىيەدىكى خىراجەتنىڭ كۆپىيىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلاش ، تىجارەت بېجى ۋە قوشۇمچە ھەقلەرنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىشى، ھەمدە خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ چۈشۈشى زور بولۇش قاتارلىق سەۋەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 1- ئايدىن 9 -ئايغىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسى تىجارەت كىرىمى 80 تىرىلىيون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2% ئاشقان. 9 -ئاينىڭ ئۆزىدىلا، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسى تىجارەت كىرىمى 0.5 % چۈشۈپ كەتكەن، بۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۆۋەنلەش بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر