باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ئامېرىكا پاراخوتىنى قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇردى

2015.10.28 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لياڭ ياڭ تۈنۈگۈن سىرتقا خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «لارسون» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى 27-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېلىمىزنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئارال خادا تاشلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا كىردى، ئېلىمىز دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە قىسمى قانۇن بويىچە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتىنى زۆرۈر، قانۇنلۇق، كەسپىي ئىز قوغلىدى، نازارەت قىلدى ھەم ئاگاھلاندۇردى. لياڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو نەنشا تاقىم ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىنىڭ مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. دېڭىز ئارمىيەسى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايدۇ. لياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ئالاقىدار دېڭىز، ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىنچىكە نازارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋالى ۋە دېڭىز، ھاۋادا تاسادىپىي ۋەقەلىرى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىدۇ. بىز مۇشۇنداق پەيتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ بېرىپ كېلىۋاتقان پاراخوتلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر