باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ نەنشا ئارىلىنىڭ ئەتراپىغا كىرىشى ھەققىدە توختالدى

2015.10.28 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن تۈنۈگۈن ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك خادا تاش ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا كىرگەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا 27-ئۆكتەبىر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىم سۆزلىشىشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، «لارسون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنى جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك خادا تاش ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا كىرگۈزدى. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ، خادا تاش ئاراللىرىدىكى خادىملار ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەتەر تۇغدۇردى، ئېلىمىز بېلىقچىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، رايون تىنچىلىقى، مۇقىملىقىغا زىيان سالدى. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەم ئامېرىكىغا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «لەنجۇ» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن «تەيجۇ» ناملىق چارلىغۇچى پاراخوتى قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇردى. ياڭ يۈجۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. بىز بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر