باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 51 دوختۇرخانا «نومۇر ھەققى»نى ئەمەلدىن قالدۇردى

2015.10.28 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : «بۇندىن كىيىن، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلارنىڭ دورىغا ئۈلۈش قوشۇش كىرىمىنىڭ ئازىيىپ كەتكەن قىسمىنىڭ %70ى داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 26 - ئۆكتەبىر بىرلىكتە «ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەشكە دائىر يېتەكچى پىكىر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا دېيىلىشىچە، نومۇر ئېلىش ھەققى بىلەن ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرۈش ھەققىنى قوشۇپ، ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرۈش ھەققى ئېلىنىدۇ، نومۇر ئېلىش ھەققى ئېلىنمايدۇ. بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا« نومۇر ھەققى »نىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل 3 – ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 51 دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. بۇ قېتىملىق « ئۇقتۇرۇش » تىكى مەزمۇنمۇ يېتەكچى پىكىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 51 دوختۇرخانىدا بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر