خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ يەر ۋاقتى 26 -ئۆكتەبىر، سلوۋېنىيەدىكى ئېتىز ئارىسىغا جايلاشقان كىچىك يولدا، نەچچە ئون مىڭ مۇساپىر ئۆچىرەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەن. بوشلۇقتىن قارىغاندا، بۇ سەپ بىر قانچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان. قىش پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بۇ مۇساپىرلار ماكانلىشىدىغان جاي تېپىشقا مەجبۇر بولماقتا. سلوۋېنىيە زۇڭلىسى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بارغانسېرى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان مۇساپىرلار كىرزىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بىرلىككە كېلىشى ناھايىتى تەس. ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى يىمىرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . بۇ خەۋەر نەچچە ئون مىڭ مۇساپىرنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىنى بويلاپ غەربىي ياۋروپاغا قاراپ مىڭىشقا مەجبۇرلىدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى