باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ نەنشا ئارىلىنىڭ ئەتراپىغا كىرگەنلىكىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى

2015.10.28 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاڭ يېسۈي تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى بوكاس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئارال خادا تاشلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا كىرگەنلىكى ھەققىدە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى. جاڭ يېسۈي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆپ قېتىملىق كەسكىن سۆزلىشىشى ھەم قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىشىغا قارىماي، «لارسون» ناملىق ھەربىي پاراخوتىنى جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئارال خادا تاشلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا قانۇنسىز كىرگۈزدى، بۇ قىلمىش-جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ، ئارال خادا تاشلىرىدىكى خادىملار ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەتەر تۇغدۇردى، بۇ-جۇڭگوغا قىلىنغان ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشىدىن قاتتىق نارازى ھەم ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  جاڭ يېسۈي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكى نامى بىلەن، قورال كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ناھايىتى ئاسانلا دېڭىز، ھاۋا تاسادىپىي ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ-ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان دېڭىز قاتنىشى ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ھوقۇقىغا تەھدىت سالىدۇ شۇنداقلا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا زىيان سالىدۇ، بۇ-ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىز قىلمىش. جۇڭگو ئامېرىكىنى جۇڭگونىڭ كەسكىن سۆزلىشىش مەيدانىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، نۆۋەتتىكى جەنۇبىي دېڭىز رايونى ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ، مۇقىم بولغان ۋەزىيەتنى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى تەستە قولغا كەلگەن ئىجابىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى توختىتىپ، زېمىن تەۋەلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى باشقىلارغا يان باسماسلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر